مۇھەببەت ئۇ بىر يىگىت ناھايىتى باي بىر قىز بىلەن بايلىقى ئۈچۈنلا توي قىلىپتۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولماپتۇ. يىگىت قىزنى دائىم ئۇرۇپ تىللايدىكەن. ئاخىرىدا بەدخەجلىكتىن ئىگىلىكى ۋەيران بوپتۇ. يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۇنى ئارىغا ئالماپتۇ. كىشىلەر نەپرەت بىلەن قاراپتۇ.لىكىن قىز، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپتۇ. يىگىت يىغلىغاندا يىغلاپتۇ دەردىگە دەرمان بوپتۇ. يىگىت ھەيران قاپتۇ ۋە قىزدىن نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز:«مۇھەببەت - ئۇ تەسەللى» دەپتۇ. كىيىن يىگىت يەنە قىزنىڭ ياردىمىدە ئىگىلىك تىكلەپتۇ. لىكىن قىزغا مەسلىھەت سالماي، پايچەك ئويناپتۇ. نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىپتۇ. قىز بۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ قاپتۇ. تاپا - تەنىمۇ قىلماپتۇ. يىگىت يەنە سوراپتۇ.قىز:« مۇھەببەت - ئۇ قوللاش» دەپتۇ. كىيىن يىگىت باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە توي قىلماقچى بوپتۇ. ئايالىدىن ئاجىرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ. قىز يەنىلا چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ:«مۇھەببەت - ئۇ كەچۈرۈش» دەپتۇ. ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ، يىگىت ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ يىتىپ قاپتۇ. كىيىنكى ئايالى ئۇنى تاشلاپ كىتىپتۇ. ھېچقانداق دوستلىرى ئۇنىڭغا قارىماپتۇ. يىلىك جىددى لازىم بۇلۇپ، ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىرىدا بىر نامسىز ئايال يىلىكىنى تەغدىم قىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. ئايالنىڭ ئوبرازى ۋە ئىمزاسىنى كۆرۈپ، يىگىت بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئىمزاغا « مۇھەببەت - ئۇ ساداقەت» دەپ يېزىلغان ئىكەن. بىرقانچە يىلدىن كىيىن، يىگىتمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قەبرىسى قىزچاقنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا قۇيۇلۇپتۇ. قەبرە تېشىغا « مۇھەببەت - ئۇ قەرز» دەپ يېزىلىپتۇ

Теги других блогов: مۇھەببەت يىگىت قىز