ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن كېچىنىڭ ئاخىردا ئۇيقۇم ئېچىلسا، بامداتنىڭ ئەزىنى ئۆيگە ئاڭلانسا. جەيناماز ئۈستىدە كۆزۈم ياشلانسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. تەقۋادار،بىلىملىك يولدىشىم بولسا، قىرائەت ئاۋازى ئۆيلەرگە تولسا. خىزمىتى قىلساممەن كۆڭلى خوش بولسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ئەخلاقلىق،ۋاپادار پەرزەنتىم بولسا، ئوقىغان كىتابى ئۆيگە لىق تولسا. ئاللاھىم،رەببىمنى ئاۋال تونىسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. چوڭلىرىم رازى بوپ دۇئالار قىلسا، خوشنىلار ئۆز ئارا ئىتتىپاق بولسا. قېرىنداش دىنى ھەم دىلى بىر بولسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ئىسلاھ قىلىنسا، قۇرئاننى ئاساسى دەرىسلىك قىلسا. شەكىلۋاز ئىللەتلەر تامام يوقالسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. شەرىئەت دۆلەتنىڭ قانۇنى بولسا، ئەمەلدار پاك،ئادىل،بىلىملىك بولسا، نىيەتلەر ئاللاھنىڭ رىزاسى بولسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ئۈستۈمدە ئۆلچەملىك ھىجابىم بولسا، ھەمشىرەم ئەخلاقلىق ھايالىق بولسا. ئەركەكلەر مەردانە ۋىجدانلىق بولسا، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ............................................................... ئاھ ،ئىسلام !شۇنچىلىك مۇكەممەل ، گۈزەل ، ئۇسەۋەپ رازىمەن تۆلىسەم بەدەل. جەننەتكە ئېرىشسەم بولار ھەممە تەل، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ............................................................... ۋە لىكىن ئەتراپىم پىتنىگە تولغان، كىشلىرىم كۆزلىرى ئەما كور بولغان. جاھالەت قوينىدا ئۇيقىغا پاتقان... ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن.. ئۈستۈمدە ھىجاپ يوق چاپىمەن ھەر كۈن، دۇنيانىڭ غەملىرى ھەمرادۇر كۈن ـ تۈن. ئىچىمدە پەقەتلا بوغۇلار بىر ئۈن، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ئۆيلەردە قۇرئانلار توپىلار باستى، ئاياللار رەستىدە دۇكانلار ئاچتى. ئەرلەرمۇ يول قويۇپ سايىم ئاتالدى، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. شەرىئەت مىيزانى چەتكە قېقىلدى، تەقۋالىق ئالىملار زىندان يېتىشتى. ئىمانسىز مۇرتەدلەر جاھان كىيىشتى، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. بەزىبىر قىزلاردا قالمىدى ھايا، ئوغۇللار ئەھدىگە قىلمايدۇ ۋاپا. ئاتىغا،ئانىغا تۈگىمەس جاپا ، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. چىرايدا نۇرلار يوق،قەلىبدە ئىمان، قەيەرگە قارىساڭ كافىر ھۆكۈمران. مۆئمىنلەر خورلۇقتا چەكمەكتە پىغان، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. تەپەككۇر ئەيلىگىن ئەي نادان ئىنسان، قانداقچە كافىرنىڭ بولدى بۇ ماكان؟ قەددىڭنى رۇسلاشقا بار تېخى ئىمكان، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن. ئۇخلىما غەپلەتتە،تۇر ئورنۇڭدىن دەس! بىلىم ئال، دۇنياغا قىلمىغىن ھەۋەس. ئېلىڭنى،دىنىڭنى قوغدا ،بولما پەس، ئىسلامى مۇھىتتا ياشىسام دەيمەن! الصبر خاتىرىسىدىن

Теги других блогов: ئىسلام تەقۋا بىلىم