ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيتى(ئاياللارچوقۇم كۆرۈڭ) دۇنياغا يارالغان ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئۇستىدە اللە تەرەپتىن بىكىتىلگەن مەجبۇرىيەت بۇلىدۇ. بۇ مەجبۇرىيەت،اللە ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار،ئىنسانلارغا مۇسەخخەر قىلىپ يارتىلغان دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ئۇچار-قۇش،ھايۋاناتلار،دەل-دەرەخلەر، ۋە پۇتكۇل جانلىق ،جانسىز ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئۇستىدە اللە تەرەپتىن بەلگىلەنگەن مەلۇم مەجبۇرىيەتلەر بار.شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ ئۇستىدىمۇ ئاللاھ تەرەپتىن ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى بار.ھازىر جەمىيەتتكى كىشىلەرنىڭ بۇزۇلىپ كىتىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلالماي ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ غەرپ مەدەنىيتى ئۇنلۇك ئاۋاز بىلەن جاھانغا ياڭرىتىۋاتقان <ئەركىنلىك>نىڭ شۇئارىغا غەرق بۇلۇپ كەتكەنمۇ ئەيتاۇر ئۇزى مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىپ تۇرۇپ ناماز ئۇقۇپ،رۇزا تۇتۇپ، ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلامماي،قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكارچى قىلىۋېتىپ اللەنىڭ لەنىتىگە ئىرشىپ دەۋزەخكە مەھكۇم بۇلۇش گىرداۋىغا يېقىنلىشىپ قېلۋاتىدۇ.نىمە ئۇچۇن شۇنداق بۇلىدۇ؟چۇنكى ئاياللار ۋەز نەسھەت سورۇنلىرىغا بارالمايدۇ.ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۇستىدىكى تەقەززاسىنى بىلەلمەي ئىسلامنى ناماز ئۇقۇش،رۇزا تۇتۇش،سەدىقە بىرىش... دەپلا چۇشىنىۋېلىپ ئۇزىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ كىتۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي كىتۋاتىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن مەن گەرچە ئىلمىم يوق دىيەرلىك بولسىمۇ بارلىق مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۇن ئۇزىنىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇنۇپ اللەنىڭ رەھمىتىگە ئىرشىپ مەڭگۇلۇك بەخىت سائادەتكە ئىرشىشى ئۇچۇن ئازراق ۋاقىت ئاجراتقۇم كەلدى.ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نىمە ؟ تۇۋەندىكى مەزمۇنغا دىققەت مەرھەمەت قىلىڭ.اللە قۇرئانى كەرىمدە ياخشى مۇسۇلمان ئايال توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن{ياخشى ئاياللارئىتائەر قىلغۇچىلاردۇر.ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلىرىدا اللەنىڭ پاناھلىقىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.}(سۈرە نىسا34.ئايەتنىڭ بىرقىسمى)بۇ ئايەتتكى ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللاردىن مەقسەت اللەقا،اللەنىڭ ئەلچىسىگە،ئۇزىنىڭ يولدىشىغا ئىتائەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان. شۇندىنلا ياخشى ئايالبۇلالايدۇ. ئەگەر اللەقا،اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىپ ئىرىگە ئىتائەت قىلماي ئازار بەرسە ئۇ چاغدا قىلغان ئەمەللىرى بىكار بۇلۇپ كىتىدۇ. اللەنىڭ ئايال كىشىدىن رازى بۇلىشى شۇ ئايالدىن ئىرىنىڭ رازى بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.ئەگەر اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تۇلۇق بويسۇنۇپ ئىرىگە ئىتائەت قىلمىسا ئىرىنى نارازى قىلسا اللەئۇ ئايالنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكارچى قىلۋېتىدۇ.بۇ ھەقتىكى كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئايال كىشى،بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇسا يىلدا بىر ئاي رۇزا تۇتسا ،ئۈزىنى ياخشى ساقلىسا ۋەئىرىگە بويسۇنسا،ئۇنىڭغا : جەننەتنىڭخالىغان ئىشىكلىرىدىن كىرگىن دىيلىدۇ>(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)بۇ ھەدىستىن ئايال كىشى ناماز ئۇقۇپ.رۇزا تۇتۇپ،ئۇزىنى چىڭ ساقلاپ(يەنى ئىرىدىن باشقا ئەركىشىگە قارىماي) ئىرىگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ.مانا شۇندىلا ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان<ياخشى ئايال> بۇلالايدۇ. يەنە بۇ ھەدىسقا قاراپ باقايلى.ئىبنى جەرىر ،ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداقدىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.<ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قارىساڭ سىنى خۇشال قىلىدىغان.ئىشقا بۇيرىساڭ ساڭا بويسۇنىدىغان،ئۇنىڭ قېشىدا بولمىساڭ ئۆزىنى ۋە مال مۇلۇكلىرىڭنى ساقلايدىغان ئايالدۇر> مانا بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا بۇلىدىغان سۇپەتتۇر.دىمەك يۇقۇرقى ئايەت ۋە ھەدىسلاردىن ئايال كىشىنىڭ ئىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلۋالدۇق. ئەمدى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا نىمىلەرنى قىلىشى كىرەك. مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداقدىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئەركىشى ئايالىنى بىللە بۇلۇشقا چاقىرسا،ئايالى ئۇنىماي ئەر خاپا ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا،پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئۇقۇيدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەر ئۇنىڭدىن رازى بولمىغىچىلىك پەرىشتىلەر لەنەت ئۇقۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاسماندىكى ھەممىنى ياراتقۇچى زات ئۇ ئايالغا غەزەپ قىلىدۇ >(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)پەرىشتىلەر دۇئاسى قايتۇرۇلمايدىغان اللەنىڭ مۆمىن بەندىلىرى. ئەگەر شۇ ئىرىنى خاپا قىلىپ قويغان پېتى ئۇ ئايال ئۇلۇپ كەتسە اللەنىڭ رەھمىتىن يىراق بۇلىدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. قاتتىق ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداقدىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئىرىيېنىدا تۇرۇپ ئىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي (نەپلە)رۇزا تۇتۇشى ئايالكىشىگە ھالال بولمايدۇ.ۋە بىر كىشىنى ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىگەئەكىرىشى ھالال بولمايدۇ>(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)تەلقەئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىپمۇنداق دەيدۇ<ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۈزىنىڭ ھاجىتى ئۇچۇن چاقىرسا ئايالى تۇنۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداقدىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان<ئەگەرمەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسام ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئىرىغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم.>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)ئۇممۇ سەلەمە رىۋايە

Теги других блогов: ئاياللار مەجبۇرىيەت ئىسلام