كۆڭۈلسىز ۋاقىتلاردا بىرسىنى تېپىپ دەردلىرىمنى تۆككۈم كىلىدۇ ،بىرسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قېنىپ يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ لېكىن يېقىن كىشىلىرىم كىم؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .ئۇرۇق تۇغقانلارمۇ؟ياق، ئۇلارمۇ ئشەنچىسىز بولۇپ كەتتى.ھەممىسى سىنىڭ ئەيىپىڭنى ئېچىش ،سىنى چۈشۈرۈش، سېنىڭ كۆزۈڭنى ياشلاش ئۈچۈن تىرنىقىنى بۈلەپ تۇرۋاتىدۇ . ئەمىسە دوستلىرىڭمۇ؟ ياق ،ئۇلارمۇ خام سۈت ئەمگەن سىرلىرىڭنى چوقۇم ئاشكارلاپ قويىدۇ .ئۇنداقتا ئاتا -ئاناڭمۇ؟ ئۇلار سىنىڭ قايغۇڭنى ئەمەس خۇشاللىقىڭنى ئاڭلاشقا ھەقلىق كىشىلەر ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مەيۈس قىلغۇم يوق .
ئىچىڭگە يۇتۇپ يۈرىۋېرەمسەن؟ياق ، سەن پولات تۆمۈردىن يارىتىلغان ئەمەس ،سەن ھېسياتچان مەخلۇق بۇنداق دەردلىرىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ يۈرىۋەرسەڭ روھىيتىڭنى ھەتتا جىسمىڭنى ۋەيران قىلىسەن . خىرىستىئان مۇرىدلىرنىڭ دەردىنى تۆكۈپ ئىچ سىرىنى ئېيتىدىغان پوپلىرى بار ئىكەن ، مېنىڭ نىمەم بار؟
جاۋابىم شۇكى مېنىڭ ئاللاھىم بار ، مېھرىبان ئاللاھ بەندىلىرى ھەر قېتىم «ئەي رەببىم !» دېگەندە « ھە بەندەم » دەپ جاۋاپ قايتۇرىدىكەن . بەندىسى ئالەم شۇمۇل گۇناھ بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ چىن قەلبىدىن تەۋبە قىلسا يەنە ئۇنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىكەن ، مىسكىن بەندىلىرى تاھارەت ئېلىپ جەينىماز ئۈستىگە چىقىپ سەجدە قىلغان ھالەتلىرىدە دەدلىرىنى بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىگەتۆكسە ئۇنىڭغا ئاسانلىق بىرىدىكەن . بەندىسى ئۆزىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ماڭسا ،بەندىسى ئالدىغا يۈگۈرەپ كىلىدكەن ، مېنىڭ شۇقەدەر سۆيۈملۈك مېھىر شەپقەتلىك رەببىم بار تۇرۇپ يەنە كىملەرگە دەردلىرىمنى تۆكۈش ئۈچۈن خار بولىمەن.ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ نادانلىقلىرىمنى كەچۈر، كۆڭلۈمدىكى شۇ ئازاپ ئىزلىرىنى سەۋىر تاقەت ، جاسارەت ،ئىسلام نۇرى بىلەن تۈزلەپ قوي ••••