بىر تۇڭگاننىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى
ئۆزۈم ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيمەن، ھەممەيلەنگە مەلۇم، بۇ يەردە بىز خۇيزۇ ( تۇڭگان ) قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تامىقىنى يەيمىز، ئەلۋەتتە مەكتىپىمىزنىڭ ئاشخانىسىمۇ ھەم شۇلارنىڭ ئاچقان ئاشخانىسى بولغاچ ئۇلار بىلەن پات-پات ھەمسۆھبەت بولۇپ تۇراتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپتىن ئۆگىنىشىمنى ۋاقچىراق تۈگىتىپ تاماققا چىققان ئىدىم، ئاشخانىدا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاساسەن تاراپ بولۇپ، ئاشپەزلەر ئوپچە غىزالىنىپ ئولتۇرغانىكەن. مەن تامىقىمنى بۇيرىۋېتىپ، بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم ۋە بايا تېخى يېزىپ پۈتتۈرگەن ئېنگلىزچە ماقالەمنى ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. بىرئازدىن كېيىن بىر خۇيزۇ قېرىندىشىمىز ( ئاشپەز ) تامىقىمنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ بەرگەچ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە بىر ئاز سۆھبەتلەشتۇق.
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بىلەن بولغان دىئالوگ…
ئاشپەز: شىيوڭدى، كەن شېنمېيا؟ ( قېرىندىشىم، نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟…)
مەن: زەي كەن ۋو دې يىڭ يۈ زو ۋېن…( ئېنگلىزچە ماقالەمنى كۆرۈۋاتىمەن…)
( ئاخىرىنى بىراقلا تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ئەمسە…)
ئاشپەز: ئېنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىپسەن-دە،…
مەن: نەدىكىنى، شۇ مۇشۇنداقلا يازغان ماقالە بۇ، بۇنىڭغا قاراپ ياخشى دېگىلى بولمايدۇ…
ئاشپەز: سىلەر ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىپ ئۈچ تىللىق بولۇپ چىقىسىلەر دېگىن…
مەن: شۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىز بولغانلىقتىن بىر تىل ئارتۇق ئۇققان بولۇپ قالدۇق…(دەپ بولۇپ ئىتتىكلىك قىلغانلىقىمدىن ئوڭايسىزلاندىم…)
ئاشپەز: توغرا، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ تىلىڭلار بار. ھەم، مۇھىمى يېزىقىڭلارمۇ بار…
مەن: ئەلھەمدۇلىللاھ…مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشالمەن…
ئاشپەز: توغرا، خوشاللىنىشىڭلار كېرەك، پەخىرلىنىشىڭلار كېرەك… سىلەر ناھايىتى بەخىتلىك، ساڭا بىر ئىشنى دەپ بېرەي… بىز خۇيزۇلار سىلەرنىڭ يېزىقىڭلارغا بەك ھەۋەس قىلىمىز، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىرەر ۋاراق خەتنى كۆرسەك خۇددى قۇرئان كەرىمنىڭ يېزىقى بولغان ئەرەبچىنى كۆرگەندەك بولۇپ قالىمىز، ھەتتا تاھارەتسىز بولساق قالايمىقان تۇتۇپ سىلاشتىنمۇ ئەيمىنىپ قالىمىز…
ئانا تىلىمغا بولغان ھۆرمىتىم خېلى چوڭقۇر بولسىمۇ، ئەزەلدىن بۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ ئويلاپ باقمىغاچقىمىكىن، يۈرىكىم قارت قىلىپ كەتتى. بىر نېمە دەي دېدىميۇ، لېكىن بوغۇزۇمغا بىرنېمە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم-دە، كۈچەپ يۈرۈپ ( رەھمەت ) دېگەن گەپنى ئاران ئاغزىمدىن چىقىرالىدىم… يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن…كاللامدا يۇرتلاردىكى ئاللىكىملەرنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا ياتقان پارچە-پارچە يىرتىلغان كىتابلار، كېرەكسىز نەرسە كېرەك يىغقۇچىلارغا كىتابلارنىڭ كىلوسىنى ئىككى-ئۈچ كويدىن سېتىۋاتقان كۆرۈنۈش چاراسلاپ ئۆتۈشكە باشلىدى-دە ، يىغا تۇتۇشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى مىڭ تەستە تۇتۇۋېلىپ قارىسام ئۇ خۇيزۇ قېرىندىشىمىز ئاللىبۇرۇن قوپۇپ كېتىپتۇ. تاماقلىرىم پوملىشىپ كېتىپتۇ… چوكا تۇتقان قوللىرىم تىترەيتتى……
تامىقىمنى قانداق يېگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئاشخانىدىن خۇددى ھېلىلا بىرسى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغاندەك ئالدى كەينىمگىمۇ قارىماي ئوقتەك يۈگۈرۈپ ياتىقىمغا قاراپ ئۇچتۇم
…ۋە كارىۋىتىمغا ئارانلا ئۈلگۈرۈپ گۇپپىدە چۈشۈپ ياتتىمدە، ھېلىقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەن 7-8 ياشلىق خەنزۇۋان ئۇيغۇر سىڭىللچاقلارنىڭ پۈتۈنلەي خەنچە پاراڭلىشىۋاتقان مەنزىرىسى بىلەن ئاتالمىش قوش تىللىق جىيەنىمنىڭ … دېگەنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدىم…
ئىھ ! ئانا تىل،سەن قەدرىڭنى بىر يات مىللەتنىڭ ئالدىدا تېپىپسەنۇ، ئۆز ئىگىلىرىڭ تەرىپىدىن قەدىرسىزلىنىپ تاشلىۋىتىلىۋاتماقتىسەن…
ئەزىزانە قېرىنداشلىرىم، بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى، بۇ تىل ئۇيغۇرنىڭ تىلى، بۇ تىل ھەر-بىرىمىزنىڭ قېنىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان، شانلىق تارىخلار مۇجەسسەملەنگەن، تالاي يىللاردىن بۇيان ئۆز قەدىر قىممىتى بىلەن قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان شۇنچىلىك راھەت تىل، (ئىشەنمىسىڭىز ئۇيغۇر تىلىنى بىر مۇنچە تىلنىڭ ئارىسىدىن ئوقۇپ بېقىڭ قىنى قايسى سىزگە ئەڭ ئاسان، چۈشىنىشلىك، راھەت تۇيغۇ بېرەلەيدىكەن)…ئەمدىلىكتە بۇ تىل خارلانغان تىل، تاشلانغان تىل، دەرتمەن تىل، ئىگە-چاقىسىز تىل… بۇ تىل كىمگىمۇ ئەرز قىلا؟ كىمگىمۇ دەردىنى تۆكەر؟ قىنى؟ ئانا تىلنىڭ ئەرزىنى ئاڭلايدىغانلار بارمۇ-يوق؟