مۇنداق مەسئۇلىيەتچان ئائىلە قۇرالامسىز؟:تېلىۋىزورنى ئاچماسلىق،ئۇنىڭ ئورنىغا كۈندە قۇرئان(تەرجىمىسى بىلەن)ئۈچ بەت ئوقۇش،ئۆيدە ساپ تىلىمىزدە سۆزلىشىش،ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قالساق نەق مەيداندا بىر ھەدىس سۆزلەپ بېرىش(بىلمىسە كىتابتىن ئوقۇپ بېرىش)،بىلىپ-بىلمەي بىرەر ئېغىز يالغان سۆزلەپ سالسا ياكى غەيۋەت قىلىپ قالسا دەرھال تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت تەۋبە نامىزى ئۆتەش،ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۈرە ئىخلاسنى ئۈچ قېتىم،سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسنى بىر قېتىمدىن ئوقۇپ ئالقانغا ھۈرۈپ بەدەننىڭ قول يەتكەنلىكى يېرىنى سىيپاپ ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش،ئەتىسى سەھەردە ئويغانغاندا«لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھۇ لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر»دىگەن دۇئانى ئوقۇپ ئورنىمىزدىن تۇرۇش،ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش،بەش ۋاق ناماز ھەم رامىزان روزىسىنى قەتئىي تەرك ئەتمەي بىر-بىرىمىزنى نازارەت قىلىش كەبى ئائىلە تۈزۈمى تۈزۈپ چىقتۇق.ئىنشائاللاھ چوقۇم ئورۇنلاپ كېتەلەيمىز.چۈنكى كىچىككىنە مائاشىمىزنىڭ مېھرىنىڭ تاتلىقلىقىدا باشقۇرغۇچىلىرىمىز قانداقلىكى تۈزۈم بېكىتسۇن غىڭ قىلماي ئورۇنلىيالايدىكەنمىز(بۇنى مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن)ئەجىبا ياراتقان رەببىمىز بىزگە جەننەتتىن ئىبارەت غەم-ئەندىشە،كېسەللىك،قېرىلىق،ئۆلۈم بولمىغان،ئەكسىچە چەكسىز نازۇ-نېمەت،مەڭگۈلۈك بەخت،ئەبەدىيلىك ھايات بولغان ماكاننى تەييارلاپ قويغان تۇرسا بىز شۇ نىشان ئۈچۈن نەپسىمىزگە ئېغىر كەلسىمۇ ئۆزىمىزنى شۇنداقلا ئائىلىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئاز-تولا ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرالمىساق قانداقمۇ ئاللاھقا يۈز كېلەلەيمىز؟مەن زىيالىلاردەك«جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش»توغرىسىدا چوڭ گەپ قىلمايمەن ھەم ئۇنىڭغا قۇربىتىممۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن.بىراق جەمئىيەتنىڭ كىچىككىنە بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئائىلەمنى ئازغىنە بولسىمۇ يۇقارىقىدەك ئىسلامغا ئۇيغۇن رەۋىشتە تۈزىيەلىشىم مۇمكىن.مەقسىدىم پەقەت بىرلا:ئۇ بولسىمۇ ئۆزەمنى ئەھلىمنى ئاخىرەتنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن خالاس قىلىپ جەننەتۇل مەئۋادا يەنە قايتا جەم بولۇش ھەم مەڭگۈلۈك بەختكە مۇيەسسەر بولۇش.دوستلار سىلەرگە مېنىڭ يۇقارىقى پىلانىم ياققان بولسا سىناپ باقمامسىلەر!ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنى ئىككىلا دۇنيادا بەختىيار قىلىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس!