# ئائىلە

читать 3 мин.
0 25

ماۋزۇ: ئائىلە قۇرالامسىز؟ تېلىۋىزورنى ئاچماسلىق، ئۇنىڭ ئورنىغا كۈندە قۇرئان(تەرجىمىسى بىلەن)، ئۈچ بەت ئوقۇش، ئۆيدە ساپ تىلىمىزدە سۆزلىشىش، ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قالساق نەق مەيداندا بىر ھەدىس سۆزلەپ بېرىش، بىلىپ-بىلمەي بىرەر ئېغىز يالغان سۆزلەپ سالسا ياكى غەيۋەت قىلىپ قالسا دەرھال تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت تەۋبە نامىزى ئۆتەش، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۈرە ئىخلاسنى ئۈچ قېتىم، سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسنى بىر قېتىمدىن ئوقۇپ ئالقانغا ھۈرۈپ بەدەننىڭ قول يەتكەنلىكى يېرىنى سىيپاپ ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش، ئەتىسى سەھەردە ئويغانغاندا «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھۇ لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» دىگەن دۇئانى ئوقۇپ ئورنىمىزدىن تۇرۇش، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، بەش ۋاق ناماز ھەم رامىزان روزىسىنى قەتئىي تەرك ئەتمەي بىر-بىرىمىزنى نازارەت قىلىش كەبى ئائىلە تۈزۈمى تۈزۈپ چىقتۇق.

Прочитать полностью